作曲 : -
作词 : -
مەن ئاڭلاپ يېتىپ كەلدىم
مەھەللەڭگە ئۇچۇپ ئوقتەك
مەن ئاڭلاپ يېتىپ كەلدىم
مەھەللەڭگە ئۇچۇپ ئوقتەك
خەتمۇ يازمىدىڭ يارىم ھەي
جان ھەي قەلەم قەغىزىڭ يوقتەك
خەتمۇ يازمىدىڭ يارىم ھەي
جان ھەي قەلەم قەغىزىڭ يوقتەك
كىشى بىلەن سالام دەيدۇ جان ھەي
كىشىنىڭ يارىلىرى كۈندە
خەت بىلەن سالام دەيدۇ جان ھەي
كىشىنىڭ يارىلىرى كۈندە
ھېچكىمدىن ئۇچۇرۇڭ يوق ھەي
جان ھەي ئىزدەپ بارىمەن تۈندە
ھېچكىمدىن ئۇچۇرۇڭ يوق ھەي
جان ھەي ئىزدەپ بارىمەن تۈندە
يازنىڭ يېرىمى كەتتى جان ھەي
كېلەر يازغىچە كىم بار؟
كېلەر يازغىچە كىم بار؟
يازنىڭ يېرىمى كەتتى جان ھەي
كېلەر يازغىچە كىم بار؟
كېلەر يازغىچە كىم بار؟
خەت يازماي ئۆزۈڭ كەلدىڭ ھەي
جان ھەي خېتىڭ كەلگۈچە كىم بار؟
خەت يازماي ئۆزۈڭ كەلدىڭ ھەي
جان ھەي خېتىڭ كەلگۈچە كىم بار؟
خېتىڭ كەلگۈچە كىم بار؟